歌词
بۇ كۆڭۈلنى سەۋدالىققا ئۆزۈڭ باشلاپ
كىتىپ قالدىڭ ئازاپلارغا يالغۇز تاشلاپ
يالغۇزلۇغۇم ماڭا ھەمراھ بولىۋەرسۇن
مەن يۈرمەسمەن سېنىڭ ئۈچۈن كۆزۈم ياشلاپ
♪♪♪♪
ئۆتسە كۈنلەر يەنە يالغۇز ئۆتەر ئىكەن
كۆنگەن يۈرەك بۇنىڭغىمۇ كۆنەر ئىكەن
سەۋدا بۇلۇپ ۋىسالىڭغا مەن تەلپۈنسەم
بەرگەن گۈلۈڭ سانجىلدىغۇ بۇلۇپ تىكەن
♪♪♪♪
دەريا كەبى يۇتۇپ كەت بۇ سۆيگۈمنى
شامال كەبى ئېلىپ كەت بۇ كۆڭلۈمنى
ساڭا بەرگەن يۈرەكنى بۇ دىللارنى
ئىېلىپ كېتەي مەڭگۈلۈك شۇ چاغلارنى
يۈرەكتە قالدى دەرتلەر
دىلىمدا قالدى غەملەر
ئۆتۈپ كېتەر بۇ كۈنلەر ....
专辑信息