Renggareng - Ablajan Awut Ayup

歌词
رەڭگارەڭ
ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ
قايتارما :
بۈگۈن بىر گۈزەل دەم
ناخشامغا قويغىن زەڭ،
ھەممە سەكرەيلى تەڭ.
يالتىرار چېراقلار،
كەيپىيات ئويناقلار،
تۆت ئەتراپ رەڭگارەڭ.
رەنجىمەڭلار تاغىلار،
كەلدى كەپسىز بالىلار،
بۈگۈن ئوينىۋالايلى شوخ شوخ شوخ.
بىرىڭلار ئىجازەت،
بۈگۈن تاشلاپ خىزمەت،
بىللە ئوينايلى كۆڭۈل توق توق توق.
1-كۇبلىت :
كىيىپ پۇزۇر-پىچەت،
قېرى بىلەن رەت-رەت،
كەلدىم قىلماي تاقەت.
ماكان، زامان، ئوقەت،
نېمە تۇرمۇش ھەسرەت،
ئۇنۇت ئىككى سائەت.
1-ئۆتۈشمە :
بولغان كۆپ ئىنتىزار،
ۋاقىت تاپتى قارار،
توۋلاشقا بول تەييار.
مېھىرلىك ئالقىشلار،
شوخ ۋاراڭ-چۇرۇڭلار،
بۈگۈن قانغىچە ياڭرار.
بۈگۈن بىر گۈزەل دەم
ناخشامغا قويغىن زەڭ،
ھەممە سەكرەيلى تەڭ.
يالتىرار چېراقلار،
كەيپىيات ئويناقلار،
تۆت ئەتراپ رەڭگارەڭ.
رەنجىمەڭلار تاغىلار،
كەلدى كەپسىز بالىلار،
بۈگۈن ئوينىۋالايلى شوخ شوخ شوخ.
بىرىڭلار ئىجازەت،
بۈگۈن تاشلاپ خىزمەت،
بىللە ئوينايلى كۆڭۈل توق توق توق
2-كۇبلىت :
سال نەزەر ئەتراپقا،
ئاق، كۆك، يېشىل، قارا،
ياڭرار قىزغىن سادا.
ئىختىلاپ ۋە دەۋا،
بولسىمۇ گاھىدا،
كۆڭۈلدە يوق يارا.
2-ئۆتۈشمە :
ياڭرىسۇن ناخشىلار،
يوقالسۇن بېسىملار،
رەنجىش، باش قىتىشلار.
بۈگۈن قىز-ئوغۇللار،
باشىقىنى قويۇڭلار،
ماڭا تەڭ جۆر بولۇڭلار.
بۈگۈن بىر گۈزەل دەم
ناخشامغا قويغىن زەڭ،
ھەممە سەكرەيلى تەڭ.
يالتىرار چېراقلار،
كەيپىيات ئويناقلار،
تۆت ئەتراپ رەڭگارەڭ.
رەنجىمەڭلار تاغىلار،
كەلدى كەپسىز بالىلار،
بۈگۈن ئوينىۋالايلى شوخ شوخ شوخ.
بىرىڭلار ئىجازەت،
بۈگۈن تاشلاپ خىزمەت،
بىللە ئوينايلى كۆڭۈل توق توق توق.
专辑信息
1.Eski 2 - Ablajan Awut Ayup
2.Manga yatliq bol - Ablajan Awut Ayup
3.Meylimu - Ablajan Awut Ayup
4.好时代 - Ablajan Awut Ayup Vs Shirinay Miradil & Suret Tashpolat
5.Iliship qalmisamla - Ablajan Awut Ayup
6.Kunlemchi qizchaq - Ablajan Awut Ayup
7.Melimizde meshrep bar - Ablajan Awut Ayup
8.Soyumluk muellim - Ablajan Awut Ayup Vs Little stars
9.Baliliq chaghlar - Ablajan Awut Ayup
10.Bengbash
11.Bugun 2
12.Meptun - Ablajan Awut Ayup
13.Begzade - Ablajan Awut Ayup Featuring Six City
14.Renggareng - Ablajan Awut Ayup
15.Meptun (Rap Remix) - Ablajan Awut Ayup Featuring Mc 5
16.Manga Yatliq bol Acoustic